شىنجاڭ 23 تۈرلۈك تەدبىر ئېلان قىلىپ، شەھەر يېڭىلاشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى

2026.05.25 15:32 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى قوللاش توغرىسىدىكى بىرقانچە نۇقتىلىق تەدبىرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 23 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر تۈزدى، بۇ، يىرىك پىلان، يەر، مەبلەغ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مۇلازىمەت، مېخانىزم، كاپالەت قاتارلىق شەھەر يېڭىلاش خىزمىتى پۈتۈن زەنجىرىنى قاپلىغان بولۇپ، دەل جايىدا بولغان سىياسەت بىرىكمە تەدبىرى ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەھەر يېڭىلاشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتى مەخسۇس بەنىنىڭ مەسئۇلى لى يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ «سىياسەت تىزىملىكى»دە شەھەر يېڭىلاشنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى چىڭ كۆزلىنىپ، شەھەر ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە شەھەر يېڭىلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، يىرىك پىلان ۋە يەر ئامىلى كاپالىتىنى كۈچەيتىش، مەبلەغ يوللىرىنى كېڭەيتىش، تۈر تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە شەھەر يېڭىلاش بويىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت يەتتە ئۆلچەم بويىچە شەھەرلەرنى ئىچكى ئامىللىق راۋاجلاندۇرۇشقا ھەر تەرەپلىمە كۈچ قوشۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ