قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا ھەق ئېلىنمايدۇ

2026.05.25 15:31 مەنبە: خەلق تورى

5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تور بېكىتى 2026 ـ يىللىق قۇربان ھېيتلىق تاشيول قاتناش سەپىرى مۇلازىمەت كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا ھەق ئېلىنمايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2026-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى (چارشەنبە)دىن 31-كۈنى (يەكشەنبە) گىچە بولۇپ، جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. ھەقسىز ۋاقىت بۆلىكى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 00:00 دىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 24:00 كىچە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايون بويىچە يېپىق شەكىلدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن، ئوچۇق شەكىلدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ