
سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگودىكى بەش كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدىم، بۇ قېتىم مەن سېربىيەگە ۋاكالىتەن زىيارەتتە بولدۇم، ئېنىقكى بۇ مېنىڭ سىياسىي ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق زىيارەت.»
ۋۇچىچ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى جاپالىق يىللاردا ئىسپاتلاندى، بۈگۈنكى كۈندە، بىز مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك خەۋپسىزلىك ئېلىپ كېلەلەيدىغان مۇناسىۋەتنى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتىمىز. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ سېربىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدىغانلىقىغا ھەمدە كەلگۈسىگە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ