خىزمەت ئورنى مۇقىملاشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قايسى ئىشقا ئورۇنلىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى كېرەك

2026.05.25 15:30 مەنبە: خەلق تورى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ۋېيشىن سالونى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىزمەت ئورنى مۇقىملاشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قايسى ئىشقا ئورۇنلىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى كېرەك؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىن سالونى ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

خىزمەت ئورنى مۇقىملاشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن تېزدىن ئەمگەك توختامى ئىمزالىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە نوپۇس يۆتكەش، پارتىيە-ئىتتىپاق تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى ھەمدە ئارخىپنىڭ يەتكۈزۈلۈش يۆنىلىشىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ