ۋۇخەن تەرەققىياتتا يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىكنى كۈچەپ بەرپا قىلدى

2026.05.25 15:25 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى يۈ ۋېيلياڭ، تيەن دوۋدوۋ، ۋۇ جۈنلەر ماقالىسى

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، خۇبېي ۋۇخەنگە جايلاشقان جۇڭگو گۇاڭگۇ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى كەسىپلەر باغچىسىغا كىرگىنىمىزدە، پۈتۈن سۈڭگۈچ شەكىللىك تونناژلىق ئېغىر تىپلىق ئۇچقۇ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، بوشلۇقتا توختاش، تەكشى يۆتكىلىش ھەم تۆۋەن بوشلۇقتا يۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ديەنيىڭ پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان توكلۇق تىك كۆتۈرۈلۈپ قونىدىغان بۇ ئۇچقۇ ئۇچۇش-قونۇشنى پەقەت 30 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان جايدىلا تاماملىيالاتتى. بۇ يىل 4-ئايغىچە، گۇاڭگۇدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 6014 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق يەككە تۈرىدە چېمپىيون كارخانىدىن 19ى، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپلىك، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن 196 سى بار.

«ۋۇخەن مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى مەركەز قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك»، «پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك»، «جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشى شەرت»، «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك»...پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ۋۇخەندە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ۋۇخەننىڭ تەرەققىيات رىتىمىنى ئىگىلەپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپى قاتارلىقلارنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ۋۇخەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتلىك مەركىزىي شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان چوڭ ۋۇخەننى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.

پەن-مائارىپ، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچكە ئىگە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلدى.

ئالىقانچىلىك چوڭلۇقتىكى ئىككى مىللىمېتىر قېلىنلىقتىكى يۇمىلاق شەكىللىك ئەينەك دىسكىغا نەزەرىيە جەھەتتىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 25 مىڭ كىنوغا باراۋەر زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات سىغىدۇ، يەنە ئۇچۇرلارنى 100 مىڭ يىلدىن ئارتۇق مۇقىم ساقلىغىلى بولىدۇ. خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى ۋۇخەن يورۇقلۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى دۆلەت تەتقىقات مەركىزى، خۇبېي گۇاڭگۇ تەجرىبىخانىسىنىڭ قوش تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى جاڭ جىڭيۈ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى كۆپ ئۆلچەملىك ئەينەك نۇر دىسكا تېخنىكىسى بويىچە ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلدى، ئۇلار تەتقىق قىلىپ ياراتقان «ئەينەك قاتتىق دىسكا»نى كىچىك كۆلەمدە مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«ۋۇخەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىي قىلدۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ < مەبلەغ ئاجرىتىش، پاي يۆتكەش > مەبلىغى ئارقىلىق قوللىشى، گۇاڭگۇ تەجرىبىخانىسى قاتارلىق ئۇقۇم دەلىللەش مەركەزلىرىنىڭ كۈچ قوشۇشىنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ تۈرلۈك ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەجرىبىخانىدىن كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشنى تېزلەتمەكتە.» مەملىكەت سىرتىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، جاڭ جىڭيۈ يۇرتى ۋۇخەنگە قايتىپ كەلدى، ئۇنى جەلپ قىلغىنى دەل بۇ جاينىڭ ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىشى، باش رول ئېلىشىنى قوللايدىغان يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ئىدى. 91 ئاكادېمىك، 41 دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىغا ئىگە ۋۇخەن شەھىرى «ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار، كەسىپ ئىختىساسلىقلىرى، ياش ئىختىساسلىقلار، مەكتەپداش ئىختىساسلىقلارنى ۋۇخەنگە توپلاش قۇرۇلۇشى»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇپىسى، ۋاسىتىسىنى كۈچلۈك بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بەردى. 2025-يىلى، ۋۇخەن شەھىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن جەمئىي 314 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى.

ۋۇخەن شەھىرى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەجرىبىخانا سىستېمىسى، مۇھىم پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلەر توپى، يۇقىرى دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن شەكىللەنگەن پەن-تېخنىكا كۈچى سېپىنى سىجىل كۈچەيتىشتىن يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقىچە، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلەتتى. بۇ يىل 1-پەسىلدە، پۈتۈن شەھەر بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.4 ئاشتى.

ئوچۇق تۈگۈنلۈك ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى.

مال ئون مىنۇتتا پاراخوتتىن پويىزغا قاچىلىنىپ، ئون كۈندە ئۆزبېكىستاننىڭ چۇقۇرسايغا يېتىپ بارالايدىغان بولدى. جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورت پورتىنىڭ ۋۇخەن پىرىستانى چاڭجياڭ دەرياسى سۇ تىرانسپورتى بىلەن تۆمۈريول تىرانسپورتىنى «يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 تۆۋەنلەتتى.

ۋۇخەن شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېچىۋېتىش يولىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى −

جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئوتتۇرا جۇڭگو رايونى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ۋۇخەن يۈك تىرانسپورتىدىكى «يول تۈگۈنى»دىن ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى يۈك مەنبەسىنى تەشكىللەش، لىنىيەنى توپلاش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە خەلقئارا بۆلۈپ تارقىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم سۇپىغا قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ۋۇخەن)نىڭ بېرىش مۇساپىسىدىكى قاتناش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27 ئاشتى؛ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى سۇ تىرانسپورت مەركىزى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، دەريا-دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى، سۇ-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى، سۇ يولى بىۋاسىتە تىرانسپورتى، دەريا بويىدا قاتنايدىغان بىرلەشمە ترانسپورت ئەندىزىسى بەرپا قىلىنماقتا؛ تيەنخې ئايرودۇرۇمى، ئېجوۋ خۇاخۇ ئايرودۇرۇمى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتىدىن ئىبارەت «قوش تۈگۈن»نى بەرپا قىلىپ، تيەنخې ئايرودۇرۇمىنىڭ خەلقئارا يولۇچىلار ئېقىمىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى، خۇاخۇ ئايروپورتىنىڭ يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى كىرىش-چىقىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

ۋۇخەن يول ياساش، سۇپا قۇرۇش، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ قوش ئايلىنىشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.5 ئاشتى.

چاڭجياڭ دەرياسىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا بويىچە سۇ بويى ئېكولوگىيەلىك داڭلىق شەھىرى قۇرۇپ چىقتى.

ۋۇخەن چىڭشەن سۇلۇق يەر باغچىسى يېشىللىققا پۈركەندى. «ئىلگىرى يېپىنچا ئۆسۈملۈك بوشلۇقى قالايمىقان، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسى چېكىنگەن ئىدى، ھازىر ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەنزىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دالىدا قونۇش، قۇشلارنى تاماشا قىلىش قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى» دېدى ۋۇخەن شەھىرى چىڭچېڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى شۈ شى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋۇخەن <دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش>تەك شەھەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەش ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشقان چوڭ ۋۇخەن قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇبېيدا ئوتتۇرا قىسىم رايونىنىڭ يۈكسىلىشىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.» دېدى خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋۇخەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېڭ يۆچۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ