
مۇخبىرىمىز ياڭ يەنفېي
«تاش تېشىش ماشىنىسىنىڭ ئوڭ بىلىكىنىڭ تۆشۈك تېشىشتىكى خاتالىق پەرقى 9.6 سانتىمېتىر بولۇپ، خېرىدار تەلەپ قىلغان بەش سانتىمېتىردىن خېلىلا يىراق.»
5-ئاينىڭ 15-كۈنى، جياڭشى پىڭشياڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنتۇڭ ماشىنىسازلىق ئاقىل زاۋۇتىدا، 6-نومۇرلۇق سېخنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ شىڭ تاختا كومپيۇتېردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا تىكىلىپ قاراپ، قوشۇمىسىنى تۈردى.
«خۇ ئىنژېنېر، مانىڭغا بىر قاراپ بېقىڭە. » خۇاڭ شىڭ ئالدىراپ-تېنەپ سىنلىق تېلېفون ئۇرغاچ ياردەمچى ئىزدەشكە باشلىدى.
ئېكراندا خۇنەندىكى پىڭشياڭ (چاڭشا) پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىنژېنېرى خۇ جىن كۆرۈندى. ئۇ ئارقا سۇپىدىكى كۈندىلىك خاتىرىنى چىقىرىپ، ناھايىتى تېزلا تۈگۈننى تاپتى: «مەن بۇيرۇق بېرىپ، يىراقتىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرسەملا بولىدۇ.»
ناھايىتى تېزلا، بىر بۆلەك يېڭى كود چاڭشادىن كەلدى. دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قايتا قوزغىتىش ئارقىلىق سىناقتا خاتالىق پەرقى 1.6 سانتىمېتىر بولدى!
بۇ كۆرۈنۈش شىنتۇڭ ماشىنىسازلىقىدا ئاللىقاچان يېڭىلىق بولماي قالدى.
2023 ـ يىل 10 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا، ھەم ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادە تىكلەپ، پائال تۈردە ئورۇننى ئىگىلەپ تەرەققىي قىلىش، ھەم مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.»
پىڭشياڭ كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى باشلانغان جاي ۋە ئاساسلىق پارتلىغان جايلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 100 يىللىق كونا زاۋۇت، كان شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پىڭشياڭ كۆمۈر ئارقىلىق شەھەر قۇردى، كۆمۈر ئارقىلىق شەھەرنى گۈللەندۈردى. كۆمۈر بايلىقىنىڭ تەدرىجىي تۈگىشىگە ئەگىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار قىس بولۇش بىر مەھەل پىڭشياڭنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان داۋان بولۇپ قالغانىدى.
مەسىلەن، شىنتۇڭ ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، ئىلگىرى ئۈسكۈنىدە مەسىلە كۆرۈلسە، بىر بولسا سىرتتىن ئىنژېنېر تەكلىپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى، بىر بولسا ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەپ ئاپىرىشقا توغرا كېلەتتى، بۇنىڭغا ھە دېسىلا ئىككى-ئۈچ كۈن كېتەتتى.
قانداق قىلغاندا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ پىڭشياڭنىڭ پىكىر يولى «چوڭ مېڭىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش»نى ئىختىساسلىقلار توپلاشقان جايغا قويۇشتىن ئىبارەت بولدى.
پىڭشياڭ رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، چاڭشادا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى تەسىس قىلدى ھەم جۇڭنەن داشۆسى، نەنچاڭ داشۆسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا خۇنەن-جياڭشى پاسىل رايونى يېڭى ماتېرىيال زامانىۋى كەسىپ تەتقىقات يۇرتى، خۇنەن-جياڭشى پاسىل رايونى يېمەكلىك زامانىۋى كەسىپ تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق سۇپىلارنى ئورتاق قۇرۇپ، «چاڭجۇتەندە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پىڭشياڭدا ئايلاندۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ماس تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. پىڭشياڭ «قىيىن مەسىلە»نى ئوتتۇرىغا قويۇش، چاڭشا باشلامچى چىقىرىپ «مەسىلىنى ھەل قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسى كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى كارخانىلارغا «ئەقىل-پاراسەتتىن پايدىلىنىش»نىڭ پايدىسىنى كۆرسەتتى.
شىنتۇڭ ماشىنىسازلىقى باشلامچى بولۇپ ماكانلىشىپ، بۇ ئەندىزىنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسىگە ئايلاندى. چاڭشا كوللېكتىپى «كود يېزىش، مودېل تۇرغۇزۇش»قا مەسئۇل بولدى، پىڭشياڭدىكى زاۋۇت «قاتتىق دېتال ياساش، بىرىكتۈرۈپ قۇراشتۇرۇش»قا مەسئۇل بولدى، ئىككى جاي كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ بۇرغىلاش بىلىكى ھەرىكىتى ئىلمى بويىچە ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش يۇمشاق دېتالىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يادرولۇق زاپچاسلارنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىشى كارخانىنىڭ % 30 كە يېقىن تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى، كارخانىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىمۇ 500 مىليون يۈەندىن ئۇچقاندەك ئېشىپ 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
«زاكاز بارغانسېرى كۆپەيدى، ئىشمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ يىل يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلگەن پۈتۈن كومپيۇتېرلىق كۆپ يەلكىلىك تاش تېشىش ماشىنىسىنى دەل بىز ئىشلەپچىقارغان» دېدى خۇاڭ شىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا.
نۆۋەتتە، پىڭشياڭ (چاڭشا) پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە 25 پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانا توپلىنىپ، مۇتەخەسسىس ۋە ئىختىساسلىقلاردىن 42 نى، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىدىن 24 نى كىرگۈزۈپ، ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئالتە تۈرلۈك ئىمپورت سەپلىمە مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، 5 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئورنى كونا رايونلارغا ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ياردەمچى كۈچى ئېلىپ كەلمەكتە.
«< 15-بەش يىل > مەزگىلىدە، بىز ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، نۇقتىلىق كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ <يېڭى ماتېرىيال كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى>نى ئورتاق قۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى ئەۋرىشىم كىرگۈزۈپ، كەسىپلەر بويىچە باشلىقلار يىغىنى، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ۋە كەسپىي سالونلارنى دائىملىق ئۆتكۈزۈپ، ئامىل تولۇق، سۇبيېكت ئورتاق يۇغۇرۇلغان، بايلىق بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رايون يېڭىلىق يارىتىش تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئارىلىق سىناقتىن كەسىپ يېتىشتۈرۈشكىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرنى راۋانلاشتۇرىمىز» دېدى پىڭشياڭ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېڭ رۈي.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ