رۇسىيە تەرەپ: جۇڭگو تەرەپكە رەھمەت ئېيتىمىز

2026.05.22 15:52 مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى قىسقا خەۋەردە پۇتىننىڭ جۇڭگودىكى زىيارەت سەپىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھمىيەتلىك، ماھىيەتلىك مەزمۇنغا باي ۋە نەتىجىسى مول بولدى.

پېسكوف مۇنداق دېدى: پۇتىن جۇڭگودىن موسكۋاغا قايتىپ كېلىپ خىزمىتىنى باشلىدى. زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىمزالىغان قوشما بايانات «ئىككى تەرەپنىڭ ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

«جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، رۇسىيە تەرەپ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ» دېدى پېسكوف يەنە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ