ماسك تارىختىكى تۇنجى تىرىليون دوللارلىق بايغا ئايلىنىشى مۇمكىن

2026.05.22 15:46 مەنبە: خەلق تورى

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، SpaceX شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىدا پېيىنى بازارغا سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ پاي چېكى بازىرىدا بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ سېتىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ پاي چېكىنىڭ ئامېرىكا پاي بازىرىدا تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا پاي (IPO) توپلىشى ۋال كوچىسى تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ IPO بولۇپ قېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

SpaceXنىڭ مۆلچەر قىممىتى بىر تىرىليون 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ماسك بۇ شىركەتنىڭ كۆپ قىسىم پېيىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ پاي قىممىتىنىڭ 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2025-يىلى ماسك ساپ مۈلكى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان تۇنجى كىشىگە ئايلاندى. بۇ SpaceX پېيىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ساپ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسىنىڭ بىر تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ