مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى: 2026-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە ئىش ئورنىغا 8954 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى

2026.05.22 15:53 مەنبە: خەلق تورى

مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە «2026-يىللىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە ئىش ئورنىغا 8954 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2026-يىللىق «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» يەنىلا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە يۈزلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ، نۇقتىلىق ھالدا ئەسلىدىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»، دۆلەت يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق ياردەم قىلىدىغان-يۆلەيدىغان ناھىيە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايون قاتارلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ. بولۇپمۇ يېزىلاردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەر ۋە يېزا-بازارلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى سەپلەش كۈچەيتىلىدۇ. كەمچىل بولۇۋاتقان پەن ئوقۇتقۇچىلىرى نۇقتىلىق تولۇقلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى بىرىنچى ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇنقى ئىجازەتنى تەكشۈرۈشنى زۆرۈر ھالقا قىلىش كېرەك. ئادەتتە تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش، سىفەن تۈرىدىكى كەسىپلەرنى ئاساس قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تەكلىپ قىلىش ياش شەرتى 33 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىككىچە كېڭەيتىلىدۇ. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكلىپ قىلىش جەريانىنىڭ ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەمسىتىش خاراكتېرلىك، كۆرسىتىش خاراكتېرلىك شەرتلەرنى تەسىس قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق خادىملارنىڭ باراۋەر قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ