دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ تۈرى مەنبەسى دۆلىتىگە ئايلانغان

2026.05.22 15:52 مەنبە: خەلق تورى

گېرمانىيە فېدېراتسىيە تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان «2025 ـ يىللىق چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەدە مەبلەغ سېلىشى توغرىسىدىكى دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇلتۇر گېرمانىيەدە مەبلەغ سالغان تۈر سانى 228 گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %14.6 ئاشقان، 2017 ـ يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىن ئېشىپ، جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ تۈرى مەنبەسى دۆلىتىگە ئايلانغان.

دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇلتۇر گېرمانىيەگە سالغان مەبلىغى ئاساسلىقى ئېلېكتىرون ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە ۋە خام ماتېرىيال ھەم رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن. بەشتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق تۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەت چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ