
كۆزنەك قالايمىقان سەكرەش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇر توپلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەچكە، مۇنۇ 31 خىل App ۋە SDK ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى App، SDK (3-تەرەپ يۇمشاق دېتال ئېچىش قورال بوغچىسى)نىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرغان. يېقىندا، 3-تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەشكىللەپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جەمئىي 31 خىل App ۋە SDK دا ئابۇنىچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ساقلانغانلىقى بايقالغان.
ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان App ۋە SDK ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىسا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ