
2024-يىل 9-ئاي، 2026-يىل 1-ئايدىن كېيىن، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 3-تۈركۈمدىكى ساھە بويىچە جازالاش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىمقى جازالاش 65 كىشىگە چېتىلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەت شەكىللەندۈردى دەپ بېكىتكەن دىڭ يۇڭ، ۋۇ جىڭبو قاتارلىق 17 كەسىپكارغا پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۆمۈرلۈك مەنئى قىلىش جازاسى بېرىلدى.
كەسىپ ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان گاۋ خەن، ۋاڭ بو قاتارلىق 48 كەسىپكارغا قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى، دېلوغا چېتىشلىق پۇل سوممىسى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قېتىم سانى، سۇبيېكتىپ قىلمىشىنىڭ رەزىللىكى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى بەش يىل ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن چەكلەش جازاسى بېرىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ