
مۇخبىرلىرىمىز ياڭ ۋېنمىڭ، لى ماۋيىڭ
باش يازدا، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋتۇڭ شەھىرى جېنشيۇڭ فوسفور خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىدا قېزىش ماشىنىلىرى جىددىي مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، توپا توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، دەسلەپكى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى، يانداش كەسىپلەر يولى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. كېلەر ئايدا، جېنشيۇڭ فوسفورنى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر توپى تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلىنىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، يۈننەننىڭ «فوسفور كېنى − نەملەشتۈرۈلگەن فوسفات كىسلاتاسى − ساپلاشتۇرۇلغان فوسفات كىسلاتاسى − مۇسبەت قۇتۇپ ماتېرىيالى» كەسىپ سىستېمىسى شەكىللىنىپ، كۈنمىڭ، چۈجىڭنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، يۈشى، دالى، جاۋتۇڭ قاتارلىق جايلار ماسلىشىپ ئۆزئارا تولۇقلايدىغان كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى.
بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.» 2025 -يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «يۈننەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈننەن بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ئەلالاشتۇردى، زورايتتى، 2025 ـ يىلى رەڭلىك مېتال كەسپى، يېشىل ئاليۇمىن كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا % 14.2، % 12.1، % 75.9 ئاشتى. «15 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، يۈننەن داۋاملىق دىققەتنى رەڭلىك مېتالنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئاز ئۇچرايدىغان قىممەت مېتال يېڭى ماتېرىيالى قاتارلىق نۇقتىلىق سانائەت كەسىپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى −
جۇڭلۈ ئاليۇمىن ياپراقچىسى (يۈننەن) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تومۇزغا قانىتىدەك نېپىزلىكتىكى يۆگەم-يۆگەم ئاليۇمىن ياپراقچىلىرى ئاستا-ئاستا پۈتتى. قۇيۇش، پىروكاتلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەييارلانغان بۇ ئاليۇمىن ياپراقچىسىنىڭ تېخنىكىسى خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدۇ.
خۇانېڭ لەنساڭجياڭ شىركىتىنىڭ مىدامو يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرىش تۈرى نەق مەيدانىدا، تۇتاش كەتكەن يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى خۇددى كۈمۈشتەك يېيىلغانىدى. «بىز تەمىنلىگەن غەيرىي سۈپەتلىك تۈگۈنچەك باتارېيە بىرىكمە دېتالى % 95 لىك ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى قوش يۈزلۈك نىسبەتكە ۋە ئەلا، ئاجىز نۇر ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تۈرنىڭ توك چىقىرىشىغا كۈچ قوشتى» دېدى دالى خۇاشېڭ يېڭى ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى چېن ماۋجۈن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈننەن كارخانىلارنى سۇبيېكت قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىشنى چوڭقۇر ماسلاشتۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك 17، ئۆلكە دەرىجىلىك 505 كارخانا تېخنىكا مەركىزىگە تايىنىپ، كۆپ تۈرلۈك مۇھىم تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. يۈننەن قىممەت مېتاللار تەجرىبىخانىسى، يۈننەن قەلەي ـ ئىندىيۈم تەجرىبىخانىسى ھەمدە مىس، قوغۇشۇن، سىنك كەسپى، قەلەي كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى قاتارلىقلاردىكى يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىلىرى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا سىجىل كۆڭۈل بۆلدى.
پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ تەجرىبىخانىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يۈزلىنىشىنى تېزلەتتى. يۈننەن قىممەت مېتال تەجرىبىخانىسى ئون نەچچە خىل يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلاتنى ئاچتى؛ كۈنمىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ كېرەكسىز، كونا لىتىيلىق باتارېيەنى قايتا ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى ئون نەچچە كارخانىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 2 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ..
«يۈننەن ئاليۇمىن، كىرېمنىي، فوسفور قاتارلىق بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنى چىڭ كۆزلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى» دەپ تونۇشتۇردى يۈننەن ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى جوۋ يۇڭ.
سىياسەت كۈچ قوشۇپ يېتەكچىلىك قىلدى −
مۇھىت ئاسرايدىغان ئايلانما ئاليۇمىن قېتىشمىسى نۆكچىسى تۈرىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىندىيۈم فوسفاتتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرمىسى. ..يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ 20-قارارلىق «نازارەت، ئىدارە باشلىقلىرى ئەرز-شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىش» پائالىيىتىدە كارخانا ۋەكىللىرى سۆز قىلدى، يۈننەن ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى قاتارلىق تارماقلار نەق مەيداندا جاۋاب بېرىپ، بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
بۇ يىلدىن بۇيان، يۈننەن سىياسەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوبلاست (شەھەر) بىلەن ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلارغا ھۆددىگە بېرىش-مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى، 11 نۇقتىلىق ساھەدە «بىر بانكىدا بىر تەدبىر» قوللىنىپ، 5 مىليارد يۈەنلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش ئانا فوندى تەسىس قىلىپ، سىياسەتلەردىن بىۋاسىتە، تېز بەھرىلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
يۈننەن يېشىل توك ئىشلىتىش مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «يېشىل توك + ياسىمىچىلىق»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوغدىدى، 2025 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت يېشىل توك بىۋاسىتە ئۇلاش تۈرىنى ئېلان قىلدى. «يۈننەن ساقلانما مىقدار بويىچە ئادەتتىكى سۇ ئېلېكتىر يېشىللىق گۇۋاھنامىسىنى ھەقسىز ئاجرىتىپ يۆتكەشنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، جەمئىي 300 مىليوندىن ئارتۇق يېشىللىق گۇۋاھنامىسىنى ھەقسىز ئاجرىتىپ يۆتكىدى، بۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا يېشىل توك 300 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولدى» دېدى كۈنمىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى يېشىل توك ھەم پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دىڭ ۋېنجياۋ.
زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش ۋەزىيىتى شەكىللەندى –
ۋېنشەن جۇاڭزۇ ـ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇنىڭ كەسىپلەر باغچە رايونىدا، يۈننەن شېنخو ئاليومىنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاليومىن ئېرىتمىسى مەخسۇس تىرانسپورت ئاپتوموبىلى ئارقىلىق تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانا يۈننەن فۇتەي ئاليومىنچىلىق يېڭى ماتېرىيال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىۋاسىتە تەمىنلىنىدۇ. شېنخو ئاليومىنچىلىق شىركىتىنىڭ يىلىغا 900 مىڭ توننا ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى تۆۋەن ئېقىندىكى 14 كارخانىنى جەلپ قىلدى، ئاليومىن كېنىدىن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغىچە كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى.
«يېقىندا مىڭ توننىغا يېقىن پولات چىۋىق، 1500 توننا سوغۇق پىروكاتلاش زاكاز تالونىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىمزالىدى، ھازىر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرماقتا. «5-ئاي كىرىشى بىلەن بازاردا زاكاز ئۈزۈلمىدى، ئىشلەپچىقىرىش كەيپىياتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، فۇتەي ئاليومىنچىلىق شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى سۇڭ جېننىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.
ئاليۇمىن، مىسنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھاسىلىي ئاليۇمىن، ھاسىلىي مىس كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ ئاز ئۇچرايدىغان، قىممەتلىك مېتال يېڭى ماتېرىياللىرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئىنچىكە پىششىقلاش، زاپچاس قاتارلىقلارنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ فوسفور بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى قىممەتتە پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك...
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۈننەن سىجىل تۈردە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈننەننىڭ خاس ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۈننەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ» دېدى يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ نىڭ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ