
قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ جىددىي قۇرۇلۇش قىلىشى ئارقىلىق، G 219 لىنىيەسىنىڭ موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى %76 تاماملانغان بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەنى 2027-يىلى پۈتكۈزۈش پىلانلانغان.
موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدا تىيانشاننى تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر تاشيول كۆپىيىدۇ، غۇلجا شەھىرىدىن ئاقسۇ شەھىرىگىچە بولغان ئاپتوموبىل ھەيدەش مۇساپىسى 440 كىلومېتىرغا قىسقىراپ، لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالاقىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ