دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيەگە قارىتىلغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى 2027-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى

2026.05.21 14:59 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇخبىر: زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپ خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ساھەسىدە قانداق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؟ دەپ سورىدى.

گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ـ رۇسىيە خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشىگە سىجىل قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيەگە قارىتىلغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى 2027 ـ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. رۇسىيەدىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بارلار جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلسا، ساياھەت ـ ئېكسكۇرسىيە قىلسا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى يوقلىسا، پىكىر ئالماشتۇرۇپ زىيارەت قىلسا، چېگرادىن ئۆتۈش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ۋىزا بېجىرمەي چېگرادىن كىرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ