جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ھالقىغان جىنايەت دېلوسىنى بىرلىشىپ رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلدى

2026.05.21 14:57 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو گۇڭئەن مىنىستىرلىقى زەھەر چەكلەش ئىدارىسى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى زەھەر چەكلەش مەھكىمىسى يېڭى روھلاندۇرغۇچى ماددىلارنى دۆلەت ھالقىپ ئېلىپ سېتىش دېلوسىنى بىرلىشىپ رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىشنى قانات يايدۇرغان.

2026-يىل 2-ئايدا، ئامېرىكا تەرەپ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، تيەنجىن ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارى گۇڭ XXنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتقان. ئالدىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكىنىڭ جورجىيە ئىشتاتىدا زەھەرگە چېتىشلىق بىر ئامېرىكىلىق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان. بۇ دېلونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىنىشى ھەم جۇڭگو-ئامېرىكا زەھەر چەكلەش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ مېخانىزملىشىپ يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ھەم ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا ھالقىغان جىنايەتكە ماسلىشىپ زەربە بەرگەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئەمەلىيەت نەتىجىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ زەھەر جىنايى ھەرىكىتى ۋە دۆلەت ھالقىغان ئالاقىدار جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي يول قويماسلىقتەك كەسكىن مەيدانىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ