
جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى نەيشى:
تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك. «ئورۇقلىتىش ئوكۇلى»، «قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى»نىڭ ھەممىسى رېتسېپلىق دورا بولۇپ، ئېنىق ماسلىشىش ئىسپاتى بار، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرى خەۋپ-خەتەرنى باھالاپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بىئارام بولۇشى، كەيپىيات توسالغۇسى قاتارلىق ئەكس تەسىرلەرنى تولۇق ئويلىشىشى كېرەك، ئۆز ئالدىغا سېتىۋېلىشقا، خالىغانچە ئىچىشكە ياكى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا بولمايدۇ.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە ماس كېلىدىغان ئورۇقلىتىش دورىسى تېخى تەستىقلانمىدى. بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەر بۇ خىل دورىلارنى ئۆز مەيلىچە ئىشلەتسە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ