دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 103-نومۇرلۇق بېنزىننى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم سېتىش باشلاندى! ئادەتتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلىغا قاچىلىغىلى بولامدۇ

2026.05.20 15:58 مەنبە: خەلق تورى

بۇ بىرنەچچە كۈندە، شىنجاڭنىڭ ئاپتوموبىل چەمبىرىكى قىزىپ كەتتى! 2026-يىللىق ئەيپاۋ.جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە مۇسابىقە مەيدانىدىكى مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىنىڭ ماي باكىغا قاچىلانغىنى يۇقىرى باھالىق ئىمپورت قىلىنغان ماي بولماستىن، بەلكى جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان 103-نومۇرلۇق مۇسابىقە دەرىجىلىك بېنزىن!

بەزىلەر: ئادەتتە پەقەت 92-نومۇرلۇق، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىلا قاچىلايمەن، بۇ 103-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىلغا قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن.

بۇ يەردە كۆپچىلىككە پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۆتەيلى، ئوخشاش بولمىغان نومۇرلۇق ماي ئوخشاش بولمىغان موتور ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ: ئادەتتىكى ئائىلە ئاپتوموبىللىرىغا چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى بويىچە 92-نومۇرلۇق ياكى 95-نومۇرلۇق بېنزىننى تاللىساقلا بولىدۇ، بىر قىسىم تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى، يۇقىرى قىسىش نىسبىتىدىكى ئاپتوموبىل تىپلىرىغا كۆپىنچە 95-نومۇرلۇق ياكى 98-نومۇرلۇق بېنزىن قاچىلىنىدۇ. 103-نومۇرلۇق بېنزىن مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك يېقىلغۇ ماي بولۇپ، ئادەتتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلىرىغا ئىشلىتىلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ