شى جىنپىڭ: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە كۆچۈپ كېتەلمەيدىغان ياخشى قوشنا، ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان ھەقىقىي ھەمراھ

2026.05.19 14:46 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

ھازىر، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكلىشى باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك ۋە تۈپ كاپالەت بولۇپ كەلدى. بۇ يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمىلەرنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ