
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە تەرەپ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىدىن چوڭقۇر ئۈمىد كۈتىدۇ، «ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشى رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ».
پېسكوف مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى كۆپ قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىن باشقا، ئىككى تەرەپ يەنە مائارىپ، تېببىي پەن، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ