
2026-يىلى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتتى، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزغا 2026-يىللىق مەركەزنىڭ مەدەنىيەت تۈرى بويىچە 955 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم مەبلىغى چۈشۈردى.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى مەدەنىيەت تۈرىگە 698 مىليون 90 مىڭ يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت بازىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىش، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرىگە 257 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش، باشقۇرۇش، قوغداش، تاش غار بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ