
مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نوپۇسنىڭ مۇقىم ئەۋرىشكىسىنى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ئىككى قېتىم قانات يايدۇرىدىكەن، ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقىت نۇقتىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆل ۋە 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆل بولىدىكەن.
تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلار ھەمدە تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، كۆچۈش، يۆتكىلىش ئەھۋالى، خىزمەت ئەھۋالى، ئۆيلىنىش ئەھۋالى، تۇغۇش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالى، بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەكشۈرگۈچى خادىملار ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسى نوپۇسنى ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا پايدىلىق ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ