ئەتىدىن باشلاپ، ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ

2026.05.15 16:10 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى، شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ سېتىلىدىغان جۇڭگو ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يولۇچىلار بېلىتىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئۆستۈرۈلىدىكەن. كونكرېت ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:

800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە بۆلىكى: ھەربىر يولۇچىدىن 90 يۈەن ئېلىنىدۇ؛

800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە بۆلىكى: ھەربىر يولۇچىدىن 170 يۈەن ئېلىنىدۇ.

بوۋاق يولۇچىلاردىن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنمايدۇ، بالىلار، ئىنقىلابىي يارىدار-مېيىپ ھەربىيلەر، خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرىدىن يولۇچىلار بېلىتى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنىڭ يېرىمى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى (5-ئاينىڭ 15-كۈنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن بۇرۇن سېتىلغان جۇڭگو ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ يولۇچىلار بېلىتىگە قارىتا، ئەگەر 5-ئاينىڭ 16-كۈنى (شۇ كۈننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن كېيىن ئۆزگەرتىلسە، يېڭى ئۆلچەم بويىچە باھا پەرقى تولۇقلاپ ئېلىنمايدۇ.

نۆۋەتتە، 800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە بۆلەكلىرىدە يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى 60 يۈەن، 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە بۆلەكلىرىدە 120 يۈەن ئېلىنىۋاتىدۇ، بۇ دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنىڭ ئايرىم-ئايرىم 30 يۈەن ۋە 50 يۈەن ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ