
5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ياخشى بىر تەرەپ قىلىنسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدۇ. ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئىككى دۆلەت قارشىلىشىدۇ، ھەتتا توقۇنۇشۇپ، پۈتكۈل جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ. تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ