
5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەت ئىختىلاپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسىسى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت بىر-بىرى ئۈچۈن پۇرسەت، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى دۇنياغا پايدىلىق. ئىككى تەرەپ رەقىب بولماي ھەمراھ بولۇپ، بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىپ، يېڭى دەۋردىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتىدىغان توغرا يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتقا ياخشى يول باشلاپ، رولنى ياخشى تۇتۇپ، 2026-يىلىنى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي، بەلگە خاراكتېرلىك يىلغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ