
قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق دىققەتنى قوزغىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى ئىشلىتىش قائىدىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەڭ بالدۇر بولغاندا بۇ يىل يازدىن بۇرۇن قانۇن چىقىرىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالىلارغا قارىتا «ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى ئىشلىتىشنى كېچىكتۈرۈش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىشى مۇمكىن.
بۇلتۇر 9-ئايدا، ۋوندېرلېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا بالىلار تور بىخەتەرلىكى ئالاھىدە گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تور قوغداشنى قانداق كۈچەيتىشنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان. بۇ گۇرۇپپا بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ خىزمەتنى باشلىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە يازدا تەكلىپ دوكلاتى سۇنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ