
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى باگاي مۇنداق بىلدۈردى: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ھورمۇز بوغۇزىغا قارىتىلغان قامالنى بىكار قىلىش ئامېرىكا بىلەن ھەرقانداق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. باگاي يەنە مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ تەلەپ قىلغىنى ھەقىقىي سۆھبەتلىشىش ئەمەس، بەلكى ئىراننىڭ «ئۈزۈل-كېسىل تەسلىم بولۇشى». ئۇ يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت ئامېرىكىدا، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، دېڭىزنى قامال قىلىش ئۇرۇش ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
شۇ كۈنى، ئىران پارلامېنتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم رازاي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېدى: ئىران ئەگەر يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئۇراننىڭ قويۇلدۇرۇش دەرىجىسىنى %90 كە ئۆستۈرۈشى مۇمكىن. رازاي يەنە مۇنداق بىلدۈردى: ئىران تەرەپ پارلامېنتتا بۇنىڭغا قاراپ چىقىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ