
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، جۇڭگو خەلقئارا جۇڭگو تىل-يېزىق مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، بۇ مەكتەپ بېلارۇسىيەنىڭ گىرودنو دۆلەتلىك يانكا كۇپالا داشۆسى بىلەن ھەمكارلىشىپ كۇڭزى شۆيۈەنىنى ئورتاق قۇرۇش تەستىقىغا ئېرىشكەن.
بۇ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇس تىلى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر مەملىكەت سىرتىدا ھەمكارلىشىپ كۇڭزى شۆيۈەنىدىن ئوننى ئورتاق قۇرغان، بۇ شۆيۈەنلەر رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن خەلقئارا جۇڭگو تىل-يېزىقى مائارىپىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ