تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمانغا بېيجىڭ داشۆسىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى

2026.05.13 15:31 مەنبە: خەلق تورى

تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمانغا بېيجىڭ داشۆسىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ۋە نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان راخمان شۇ كۈنى نۇتۇق سۆزلىگەندە ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئەسلەپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە مائارىپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەمدە ياشلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ كۈنى، بېيجىڭ داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گۇاڭسەي ۋە بېيجىڭ داشۆسىنىڭ مۇدىرى گۇڭ چىخۇاڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا راخمانغا پەخرىي پىروفېسسورلۇق مىس مېدالى ۋە گۇۋاھنامىسى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ