
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7-گۇرۇپپىسى 2026-يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ. ھازىر «مەركەز ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ئىنتىزام بەلگىلىمىسى»نى ئاشكارىلىدۇق، مەركەز ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرىنى نازارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرىدا «مەركەز ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ئىنتىزام بەلگىلىمىسى»گە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى بايقىساڭلار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ۋە ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئىنكاس قىلساڭلار بولىدۇ. خەت ساندۇقىنىڭ ئادرېسى: بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى شەرقىي چاڭئەن كوچىسى 12 - نومۇر، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، پوچتا نومۇرى: 100006.
مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى
2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ