دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى: كۆپچىلىكنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئىپادىسىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

2026.05.11 15:34 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، بىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى سودا سارايلىرىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا سۈرەت تارقىتىش، تور سىرتىدىكى مەستانىلەر يىغىلىپ مەدەت بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت كوماندىسى تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بۇ خىل پائالىيەتلەر زور مىقداردىكى ئاممىۋى بايلىقنى ئىگىلەپلا قالماستىن، يەنە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشىغا ئاسانلا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ، سودا ساراي قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىشىمۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش گۇمانىغا چېتىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئىپادىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئاقىلانە بولۇپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمەسلىكىنى ۋە قاتناشماسلىقىنى سورايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ