
ھازىر دەل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ليۇليەنلىرىنى ئۈزۈپ بازارغا سېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى. قولاي ئەشيا ئوبوروتى يېتەرلىك بازار تەمىناتىنى ئېلىپ كەلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بازارلاردا ليۇليەننىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى مېۋە-چېۋە بازىرى تېخىمۇ ئەرزان باھالىق ليۇليەننى كۈتۈۋالدى.
5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى مېۋە-چېۋە دۇكانلىرى، تاللا بازارلىرى، توپ سېتىش بازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان يېڭى ليۇليەنلەر تايلاند ئالتۇن ياستۇق ليۇليەنلىرىنى ئاساس قىلغان، توپ سېتىلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامى 45 يۈەندىن 65 يۈەنگىچە، پارچە سېتىلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامى 50 يۈەندىن 75 يۈەنگىچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 تىن %20 كىچە چۈشكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ