ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى 45 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈردى

2026.05.09 16:00 مەنبە: خەلق تورى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشى، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا 2026-يىلى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش مەبلىغىدىن 45 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 12 مىليارد 560 مىليون يۈەن كۆپەيتىپ، %38 ئاشۇرۇپ، جايلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە نۇقتىلىق مەدەت بەردى؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى بايلىق كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، بېقىش-تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بالىلار قاتارلىق كىشىلەر توپىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ