جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەنئەت كۆرگەزمىسى گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

2026.05.09 15:57 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر گىرېتسىيەنىڭ ئافېنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈمەن چاقىرىملىق گۈزەل مەنزىرىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش− يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت سىمفونىيەسى» تېمىسىدىكى جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە.

«تۈمەن چاقىرىملىق گۈزەل مەنزىرىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش− يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت سىمفونىيەسى» تېمىسىدىكى جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەنئەت كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى گىرېتسىيە پايتەختى ئافېنادىكى ۋىزانتىيە ۋە خىرىستىيان دىنى مۇزېيىدا باشلاندى. كۆرگەزمە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەقلىدىي بۇيۇملىرى ۋە رەقەملىك كۆرگەزمە ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش ۋە يۇغۇرۇلۇشىدەك تارىخىي مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ