
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (NHTSA) تېسلا شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدا ساتقان 218 مىڭ 868 دانە ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، سەۋەبى بىر قىسىم ئاپتوموبىللارنى كەينىگە ياندۇرغاندا ئارقىنى كۆرۈش تېلېكامېراسىدا مەسىلە بار بولۇپ، سوقۇلۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالاقىدار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەسىرگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىل ئارقا خوتقا سالغاندا، ئارقىنى كۆرۈش تېلېكامېراسىدا كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشتە كېچىكىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنىڭ بىلەن شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئەھۋالنى كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قايتۇرۇپ كېلىش قىسمەن Model 3، Model Y، Model S ۋە Model X ئاپتوموبىل تىپلىرىغا چېتىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ