تېمپىراتۇرا 32 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدۇ! ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەش ئەندىزىسى باشلىنىدۇ!

2026.05.07 15:13 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇمات ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا

بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى بىۋاسىتە 32 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن

ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە

بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا بوران كۆپ چىقىدىكەن

جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلىدىكەن

ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەش كېرەك

شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 14 سېلسىيە گىرادۇستىن 17 سېلسىيە گىرادۇسقىچە

ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 26 سېلسىيە گىرادۇستىن 32 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن

مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر دۈشەنبە (5-ئاينىڭ 11-كۈنى)دىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىدا بۇرىلىش كۆرۈلىدىكەن

5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن

5-ئاينىڭ 12-كۈنى سىم-سىم يامغۇردىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن

تېمپېراتۇرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ