ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى يېشىل ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى

2026.05.07 15:07 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى فېڭ چۈنمېي، جاڭ يې

5-ئايدىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىلىنغول يايلىقى يېشىللىققا پۈركەندى. شىلىنغول ئايمىقىنىڭ شىلىنخوت شەھىرىگە جايلاشقان دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ 1000 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق غالىبىيەت تىرانسفورموتور پونكىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 366 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيەسى خۇددى كۈمۈش رەڭلىك غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشاش يايلاقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى يېشىل توكنى نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىققا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ چىراغلىرىنى ياندۇردى.

«بىز شىلىنغول ئايمىقى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدا بارلىققا كەلگەن يېشىل ئېنېرگىيەنى توپلاپ، ھەر يىلى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلارغا تەخمىنەن 20 مىليارد كىلوۋات سائەت يېشىل توك يەتكۈزەلەيمىز» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى 1000 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق غالىبىيەت تىرانسفورموتور پونكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خاۋ جيەنگو. 2016-يىل 7-ئايدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، 2026-يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يولى ئارقىلىق 11 ئۆلكىگە بۆلۈپ سىرتقا يەتكۈزگەن يېشىل ئېنېرگىيە 135 مىليارد 168 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى.

2023 -يىل 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى «ئۈستىدە شامال، يورۇقلۇق بار بولۇش، ئايىغى ئاستىدا كۆمۈر بار بولۇش، قولىدا ئېلېكتىر تورى بار بولۇش» ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېشىل ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتتى.

226-يىل 3-ئايغا قەدەر، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئومۇمىي گېنېراتورلار كۆلىمى 174 مىليون 100 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، «14-بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىنىڭ 3.4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئومۇمىي گېنېراتورلار كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %54 كە يەتتى.

يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە رايونىغا يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئوردوس شەھىرى يىجىن خولو خوشۇنىنىڭ ئۇلانمۇلۇن بازىرىدا، 1 مىليون پارچىغا يېقىن كۈمۈش رەڭلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيە تاختىلىرى كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، سانسىزلىغان يېشىل ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر بۇ يەرگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوننىڭ قىياپىتى ئۆزگەرگەنىدى.

«بۇ تۈردە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 900 مىليون كىلوۋات سائەت توك تارقىتىلىدۇ» دېدى تيەنجياۋ يېشىل ئېنېرگىيەسى كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ مەسئۇلى شۆ فېڭ تونۇشتۇرۇپ. يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تاختىسى ئاستىغا يەنە بېدە، ئاقسىللىق ئۈجمە قاتارلىق ئوت ـ چۆپلەر تېرىلغان، ئېكولوگىيەلىك تەۋەلىك رايونىدا ئالما، جىغان قاتارلىق ئىقتىسادىي مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆستۈرۈلۈپ، ھەم يېشىل توك چىقىرىلدى، ھەم تاغ چوققىسى يېشىللاشتۇرۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان، كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايون قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە رايونلىرىغا يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىي يېشىل ئېلېكتىر قوللىنىش تۈرىدىن 61 نى قۇرۇپ، يىلىغا تەخمىنەن 5 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل توك تارقاتتى، بۇ ھەر يىلى 1 مىليون 580 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ، 4 مىليون 600 مىڭ توننا كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولغانغا باراۋەر.

يېشىل ئېنېرگىيەنى ئېچىش چىڭ تۇتۇلۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىشقا تېز تۈرتكە بولۇندى.

ئۇلانچاب شەھىرىنىڭ سىزىۋاڭ خوشۇنىدا بوران گۈركىرەپ تۇراتتى، 100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى 100 دىن ئارتۇق ئاق رەڭلىك شامال گېنېراتورى تاغ قىرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، غايەت زور شامال گېنېراتورىنىڭ قانىتى شامالغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ئايلىنىۋاتاتتى.

«بۇ يەردە شامال كۈچلۈك ھەم بورانلىق كۈن سانى كۆپ، 134 تەيفېڭ بورىنى گېنېراتورىنىڭ يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەت» دەپ تونۇشتۇردى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شامال گېنېراتورىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەكشۈرگۈچى جاڭ خاۋۋېي.

بۇ يېشىل توكلار شۇ جايدا پائال ئىشلىتىلدى ۋە قوللىنىلدى. ئۇلانچاب شەھىرى شامال، يورۇقلۇق بايلىقى ئەۋزەللىكى ۋە شۇ جاينىڭ ئىشلىتىش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سانائەت تۈرلىرىدە يېشىل توك تەقسىملەش نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەر بويىچە يېشىل تۆمۈر قېتىشمىسى تۈرىدىن 32 سى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىۋاسىتە تەمىنلەنگەن يېشىل توك مىقدارى بارلىق توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %40 ىدىن ئاشتى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى يېشىل توكنى شۇ جايدا ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى پائال كېڭەيتتى. يېڭى ئېنېرگىيەنى شۇ جايدا ئىشلىتىشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك يېڭى ئېنېرگىيەنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشلىتىش يېڭى ئەندىزىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىش كەسىپلىرىنىڭ يېشىل توك ئىشلىتىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. ..» دېدى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ساۋ سىياڭ. 2025-يىلى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقارغان يېشىل توك 279 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.4 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي توك تارقىتىش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يېقىننى ئىگىلىدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇقىنى شۇ جايدا ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنى زورايتتى ۋە كۈچەيتتى.

باۋتوۋ شەھىرىنىڭ شىگۇەي رايونى، مىڭياڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، ئىشچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئېلاستىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنىڭ زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇرۇۋاتاتتى، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى قۇراشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ئىش تەرتىپلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

«بىز چەتلىتىپ قۇراشتۇرۇش قاتارلىق يەتتە ئىش تەرتىپىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلاستىكلىق تومۇرلۇق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قوللىنىپ، شامال ئېلېكتىر پۈتۈن گېنېراتورىنى قۇراشتۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى ئۈچ كۈندىن تۆت سائەتكە قىسقارتىپ، يىلىغا 1500 يۈرۈش شامال ئېلېكتىر پۈتۈن گېنېراتورى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدۇق» دېدى مىڭياڭ بېيفاڭ ئاقىل ئېنېرگىيە (ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى) چەكلىك شىركىتى باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى شۈ فېي تونۇشتۇرۇپ.

نۆۋەتتە، باۋتوۋ شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش كەسىپ زەنجىرىدىكى كارخانا 57 گە يېتىپ، ئاساسىي ماشىنا زاپچاسلىرىنىڭ يۈرۈشلىشىش نىسبىتى %85 كە يېتىپ، شامال ئېلېكتىر ئاساسىي ماشىنىسى، گېنېراتور، چىشلىق چاق ساندۇقى، ياپراقچە قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى قاپلىغان كەسىپ زەنجىرى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شامال، يورۇقلۇق بايلىقى ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنى سىجىل زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، شامال، يورۇقلۇق، ھىدروگېن ساقلاشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپ توپىنى زورايتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ھەم جابدۇق ياسىمىچىلىقى سېلىنمىسىنىڭ بارلىق ئېنېرگىيە سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 كە يېقىنلىشىپ، ئېنېرگىيە ئىقتىسادى، ھەتتا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان يېڭى موتورغا ئايلاندى.

15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا: «پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئالىيلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا ئېھتىياجلىق يېڭى ماتېرىيال، يېڭى جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، ياساشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسىنى زورايتىدۇ، كۈچەيتىدۇ» دېدى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيجۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ