
جاۋاب خەت
جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى ھەم يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە:
خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سىلەر پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئۆكۈنمەس ياشلىق باھارىنى پۈتۈپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار.
بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، ياشلار تۆھپە يارىتىشنىڭ دەل ۋاقتى. سىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبكە پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، كەڭ ياشلارنى شەخسىي ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلارغا قويۇپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ياشلىق كۈچۈڭلارنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، سىلەرنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن!
شى جىنپىڭ
2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى ھەم يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئۆكۈنمەس ياشلىق باھارىنى پۈتۈپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، ياشلار تۆھپە يارىتىشنىڭ دەل ۋاقتى. سىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبكە پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، كەڭ ياشلارنى شەخسىي ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلارغا قويۇپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ياشلىق كۈچۈڭلارنى قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى ھەم يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتى سىياسىي جەھەتتە ئالغا باسقان، ئەخلاق - پەزىلىتى ئالىيجاناب، تۆھپىسى گەۋدىلىك مۇنەۋۋەر ياشلار تىپىنى تۇرغۇزۇش ۋە تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. يېقىندا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 16 نەپەر ياشلار ۋەكىلى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ تۆھپە قوشۇش ئەھۋالى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، «15 - بەش يىل»دا تۆھپە يارىتىش، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ