

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەيدە ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساس تەتقىقات پۈتكۈل ئىلىم - پەن سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى، بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ يادرولۇق ئاچقۇچى. تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
سۆھبەت يىغىنىدا، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن خېجۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى خوۋ جيەنگو، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ، بېيجىڭ داشۆ ماتېماتىكا ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى ليۇ روچۇەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنجېن ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ چېنلى، پۇجياڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ پىروفېسسورى چياۋ يۈ، غەربىي قىسىم ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماتېرىيال پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئالىمى جاڭ پىڭشياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساس تەتقىقاتقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، سېلىنما كاپالىتىنى زورايتىش، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس تەتقىقات سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، دۇنياۋى پەن - تېخنىكا رىقابىتىدە دىققەت ئاساسىي ئالدىنقى سەپ ساھەلەرگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىملىقى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئاساس تەتقىقات خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، سىجىل چىڭ تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساس تەتقىقات سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. «تۆتكە يۈزلىنىش» ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆ قاتارلىقلارنىڭ يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە تەتقىق قىلىش - ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانا يېتەكچىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساس تەتقىقات، قوللىنىش، ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەنلەر بىلەن ئاساسىي پەنلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەپ، ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساس تەتقىقات زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ۋەزىپە ئارقىلىق يېتەكلەش، پېشقەدەملەر ياشلارنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياش ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلەش كېرەك. ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساس تەتقىقاتقا ئاتلىنىشنى تېخىمۇ كۆپ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ كىشىلىك ھايات ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساس تەتقىقاتنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساس تەتقىقات خىراجىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان سېلىنما ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن تەتقىقات سۇپىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساس تەتقىقات ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرگە ئايرىپ باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساس تەتقىقات خادىملىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ئاساس تەتقىقات خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە - مۇھىت، ھاياتلىق - ساغلاملىق قاتارلىق مۇھىم ئىلىم - پەن مەسىلىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇش، دۇنياۋى پەن - تېخنىكىنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسلار ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىندى، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ماھىيەتلىك مەزمۇن مول بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئىرادە، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ۋە ھەرىكەت بىلەن، ئاساس تەتقىقاتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، جاڭ گوچىڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، قىسمەن ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، دۆلەت تەجرىبىخانىسى، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ