
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېشىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدى، دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى، باشلامچىسى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى»نى نامايان قىلىپ، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە تۈر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ پاكىز، گۈزەل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇنبەر شۇ كۈنى جېجياڭ نىڭبودا باشلاندى، باش تېمىسى «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېشىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، مۇنبەرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق كومىتېتى، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ