شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك

2026.05.06 14:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا 25 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش تەتقىقات ئورنىدىكى يولداش ياڭ سىچۈەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، جۇغراپىيەسى مۇرەككەپ، كىلىماتى كۆپ خىل بولۇپ، تەبىئىي ئاپەت ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى خەلقنىڭ ئامانلىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە بۇرۇلۇش ياساش، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، سىستېما قۇرۇلۇشى، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ بىر قاتار زور، پەۋقۇلئاددە زور تەبىئىي ئاپەتلەر ئۈستىدىن غالىب كەلدى، نەتىجىلىرىنى دۇنيا ئېتىراپ قىلدى. ئەمەلىيەت داۋامىدا شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش، جەمئىيەتنى ئورتاق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپەت خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشتا مۇھىمى ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش. مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر - ئەۋرىشىم بولۇش تەلىپىنى دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى ھەم تۈرلۈك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاپەت خەۋپ - خەتىرىنى سىستېمىلىق رەتلەش، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇشنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم شەھەرلەر ۋە ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدىغان رايونلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇداپىئە ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، چوڭ ئاپەت، زور ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭ ئاپەت، زور ئاپەت خەۋپ - خەتىرىگە چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چوڭ بىخەتەرلىك، ئومۇميۈزلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش رامكىسىدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى ۋە دۆلەتنىڭ رايونلار جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەركەزلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى پەن - تېخنىكا تىرىكى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەت ئاساس تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش ساھەسىنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپى، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش سورۇنلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ماددىي ئەشيا جابدۇق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئامما كۆزىتىش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن قۇتقۇزۇشنى جىپسىلاشتۇرۇش، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ماسلىشىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ بىخەتەرلىككە سەل قاراش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراش قاتارلىق خاھىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ