جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

​ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى ۋە مۇھاكىمە قىلىندى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2026.05.06 14:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالدىن ھەرىكەتكە كېلىپ كۈچەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللاندى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ باشلىنىشى كۈچلۈك بولۇپ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچى نامايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا سىجىل يۈكسىلىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ زور سالماق ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ماكرولۇق سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىش، تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پۇل سىياسىتىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، جانلىقلىقى، قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. سۇ تورى، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر تورى، ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى، يېڭى بىر ئەۋلاد خەۋەرلىشىش تورى، شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى تۇرۇبا تورى، ئەشيا ئوبوروتى تورى قاتارلىقلارنى پىلانلاش، قۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىساد يېڭى ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تاشقى زەربە، خىرىسلارغا سىستېمىلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. تىرىشىپ ئۆي - زېمىن بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شەھەرنى يېڭىلاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تەرتىپلىك تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، كاپىتال بازىرى ئىشەنچىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، داۋالىنىش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىك چوشقا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. دائىملىق يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ