
يېقىندا، جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى ئىمپورت ئېكسپورت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە «يېڭى زېلاندىيە a2 شىركىتىنىڭ بىرقىسىم بوۋاقلار تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى توغرىسىدىكى ئىستېمال ئەسكەرتمىسى»نى ئېلان قىلدى.
ئەسكەرتىشتە مۇنداق دېيىلدى: 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا يېمەكلىك-دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) تور بېكىتى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، يېڭى زېلاندىيە a 2 كالا سۈتى شىركىتى ئامېرىكا بازىرىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەھسۇلاتنى قايتۇرۇپ كېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكىدا سېتىلىۋاتقان ئۈچ تۈركۈم قېتىم «a 2 Platinum Premium» ماركىلىق ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى 12-0 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىنى قايتۇرۇۋالدى، قايتۇرۇۋېلىشتىكى سەۋەب مومسىمان سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيەسى دېئوكسى نىۋالېنول تەكشۈرۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئالاقىدار مەھسۇلاتلار پەقەت ئامېرىكىدا سېتىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن. 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، يېڭى زېلاندىيە a 2 شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگوغا كىرمىگەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ جۇڭگو بازىرى ۋە ئىستېمالچىلارغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ ئادەتتىكى سودا يولى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغانلىقى ۋاقتىنچە بايقالمىدى. تاموژنا باش مەھكىمىسى ئىمپورت-ئېكسپورت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ئىستېمالچىلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: يېڭى زېلاندىيە a 2 شىركىتى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇش ۋە كېيىنكى ئىلگىرىلەشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، شەخسلەر چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ساقلىنىش ئېھتىمالى بولغان ئالاقىدار مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، بىخەتەر، ئاقىلانە ئىستېمالنى تاللىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ