ئەڭ يېڭى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى: شىنجاڭلىقلار 20 كۈندىن كېيىن يەنە بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دۇەنۋۇ بايرىمىدا يەنە ئۈچ كۈن ئۇزارتىلىدۇ

2026.05.06 14:59 مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، قۇربان ھېيتتا 5-ئاينىڭ 27-كۈنى (چارشەنبە)دىن 31-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. دۇەنۋۇ بايرىمى ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا كېلىدۇ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، دۇەنۋۇ بايرىمى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى (جۈمە)دىن 21-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش سىياسىتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 24 تە ئاخىرلاشتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان دوستلارنىڭ قايتىش ۋاقتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سورايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ھەپتىدىكى خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىڭ، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى شەنبە كۈنى ئىشلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ