«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك ئەمگەك ئىجادىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.05.06 14:49 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى چيۇ چاۋيى، لى جۈنچياڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا «يىۋۇنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى يەنىمۇ ياخشى خۇلاسىلەش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:«ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.»

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. گۈرجەكتە توپا ئۇسۇش، كۆچەتكە توپا يۆلەپ قىر چىقىرىش، سۇ ئەكېلىپ سۇغىرىشتەك پىششىق ھەرىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ يىللار ئۆتسىمۇ ئۆزگەرمىگەن ئەمگەك خىسلىتى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

دۇنيا بويىچە يېشىللىقنى كۆپەيتىش ئەڭ كۆپ، ئەڭ تېز بولغان دۆلەتكە ئايلىنىشتىن ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 140 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگىچە، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمگەكچىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ» دېگەن ھەقىقەت تولۇق جاكارلاندى.

يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنىش. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى كۆرسىتىپ بېرىپ مۇنداق دېدى:«دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنى تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.»

ئەمگەك ‐ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك ئەمگەك ئىجادىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم كۆپچىلىككە مەدەت بېرىپ روھىنى ئۇرغۇتتى.

2024-يىل 3-ئايدا، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايال كەپشەرلەش ئىشچىسى سۈن جىڭنەن بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، بۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ قەلبىگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلدى −

«چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بىنايىمىزنىڭ ئۇل تېشى، تۈۋرۈكى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز نامرات، قالاق ھالەتتە، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىپ قايتا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ياسىمىچىلىق ئاساسىنى بەرپا قىلدۇق.»

«يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات» ئارقىلىق ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى چوڭ مودېلى ئارقىلىق دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇشقىچە، يەنە ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممەت كۆلىمىدە ئۇدا 16 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچىلىكنى ساقلاشقىچە. ..ھەربىر تۈرلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھەممىسىدە ئەمگەكچى خەلقنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىجاد قىلىشىغا تايىنىلدى.

تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى «ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ» دەپ تەكىتلىدى؛ «پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تايانچلىرى» دەپ كۆرسەتتى... باش شۇجىنىڭ ھەربىر قېتىملىق غەمخورلۇقى، ھال سورىشى، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھەربىر ئېغىز سۆزى يۈز مىليونلىغان ئەمگەكچىنىڭ كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەمگەكچىلەرگە يېڭى تەلەپلەرنى قويدى.

«ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كېلەچەك كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش داۋامىدا دادىل ئىزدىنىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئەمگەك ئىجادىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

2025-يىلى 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ بېنشىغا كېلىپ، بېنشى پولات-تۆمۈر گۇرۇھى تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ 3-سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتىنى تەكشۈردى.

ئالدىدىكى ھەربىر ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ياش تېخنىكا تايانچلىرى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىگە قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:«داۋاملىق تىرىشىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.»

«ئاقىللاشتۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش»نى نىشانلاش ئارقىلىق، 100 يىللىق بۇ پېشقەدەم پولات-تۆمۈر كارخانىسىنىڭ ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى %65 ئاشتى، ئاپتوموبىل پولاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى ياراتتى، بۇ يىل كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رېكورتى كۆپ قېتىم يېڭىلاندى.

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، «زامانىمىزدىكى ئىشچىلار كۈچكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەقىل-پاراسەتكە، تېخنىكىغا ئىگە بولۇشى، كەشىپ قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ سەنشى تەييۈەن پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن «ئىلغار ياسىمىچىلىققا تىرەك بولۇش جەھەتتە يېڭى، تېخىمۇ زور قەدەم تاشلاش»نى ئۈمىد قىلدى؛ شەندۇڭ رىجاۋ پورتىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىمۇ راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى... باش شۇجى ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنى يېڭى تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى قۇۋۋەتنى قوزغىتىشقا يېتەكلىدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭىچە ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى زورايتىشقا ئېھتىياجلىق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ مۇنداق دېدى:«تىرىشىپ بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.»

2020-يىلى 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:«غايىلىك ۋە ئېتىقادلىق، تېخنىكا بىلىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتالايدىغان، مەسئۇلىيەتچان ۋە ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان زور كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك».

بىر ئايغا يەتمەيلا، باش شۇجى خەت ئەۋەتىپ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، «تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىشتىن كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە، يەنە «تىرىشىپ يېڭىلىققا باي، تەسىرى كەڭ بىر نۆۋەتلىك دۇنياۋى ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش» توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشكىچە، دۆلىتىمىز ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپا قۇرۇلمىسىدا مۇھىم ئۆزگىرىش بولۇپ، ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 220 مىليون كىشىدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار 72 مىليون كىشىدىن ئېشىپ، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى تېخىمۇ نامايان بولدى.

ئەمگەك بەختنى يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.

بۇ يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا كېلىپ، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى «ئالدىدا مېڭىپ، قەدەمنى تېز ۋە پۇختا ئېلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، شيۇڭئەننىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»قا ئىلھاملاندۇردى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا رەڭگارەڭ مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە، يۈز مىليونلىغان ئەمگەكچى ئامما ئاساسىي گەۋدىلىك كۈچ، ھەربىر ئادەم باش پېرسوناژ ھېسابلىنىدۇ. «ھەربىر ئادەم بىر ئۈلۈش كۈچ چىقارسىلا تاغنى تالقان قىلغۇدەك قۇدرەتلىك كۈچنى توپلىغىلى بولىدۇ، ھەربىر ئادەم بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارسىلا، بىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسىلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى بىر قەدەم ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ