
4-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەردىن ئوشقا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى
بۇ، قەشقەردىن بېشكەككە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان لىنىيەدىن كېيىنكى قىرغىزىستانغا ئۇچىدىغان 2-خەلقئارا يولۇچى توشۇش بىۋاسىتە ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى
شۇنداقلا بۇ يىل قەشقەردە ئېچىلغان 2-خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن، ھەر سەيشەنبە كۈنى بىر قېتىم ئۇچىدىكەن، ئايروپىلان تىپى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C909 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى EU3055/56 ئىكەن. پىلاندىكى ئۇچۇش ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:30 دە قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 10:35تە ئوشقا يېتىپ بارىدىكەن؛ سائەت 11:40تا ئوشتىن ئۇچۇپ، سائەت 12:50تە قەشقەرگە يېتىپ بارىدىكەن. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزسىزىق ئارىلىقى 500 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن بىر سائەت ئىكەن. قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يەككە مۇساپىلىق بېلەت باھاسى 600 يۈەندىن باشلىنىدىكەن (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ