
يېقىندا مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى تارماقلىرى خىزمەت جەريانىدا مۇنۇلارنى بايقىدى: «جيەنيىڭ»، «ماۋشياڭ» App سى ۋە «جىمېڭ AI» تور بېكىتىدە سۈنئىي ئەقىل ھاسىل قىلغان، بىرىكتۈرگەن مەزمۇن بەلگىسىدىكى تەلەپلەرنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «ھاسىللاش شەكلىدىكى سۈنئىي ئەقىل مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»، «سۈنئىي ئەقىل ھاسىل قىلغان، بىرىكتۈرگەن مەزمۇننى پەرقلەندۈرۈش چارىسى» قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان. دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تەۋەلىك رايوندىكى ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىلىرىنىڭ يۇقىرىقى تور بېكەت سۇپىلىرىغا چاقىرتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، تۈزىتىشكە بۇيرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش، مەسئۇل كىشىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش، جازالاش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ