
دۆلەت باج باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بىر باج ئوغرىلاش دېلوسىنى ئېلان قىلغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، «تەنديەن» ۋاڭخۇڭ بەي بىڭ 2021 ـ يىلىدىن 2024 ـ يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە كىرىم خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش، ساختا مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شەخسىي تاپاۋەت بېجى، قوشۇلما قىممەت بېجى، يەر خېتى بېجى قاتارلىق جەمئىي 9 مىليون 111 مىڭ 800 يۈەن باج ـ ھەقنى ئاز تاپشۇرغانلىقى ئېنىقلانغان.
دۆلەت باج باش ئىدارىسى قانۇن بويىچە ئۇنىڭدىن باج پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىش، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ ئېلىش ھەمدە جەمئىي 18 مىليون 912 مىڭ 400 يۈەن جەرىمانە قويۇشتەك بىر تەرەپ قىلىش ۋە جازالاش قارارىنى چىقارغان. نۆۋەتتە، يۇقىرىقى پۇللارنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىنىپ خەزىنىگە كىرگۈزۈلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ