جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، يەنە ئۆچ ئېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن تيەن يۇڭمىڭغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

2026.04.29 14:53 مەنبە: خەلق تورى

2026-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى چۈشۈرگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، تيەن يۇڭمىڭغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى. يۈشى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە نەق مەيداندا نازارەت قىلىشقا ئادەم ئەۋەتتى. جازا ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن، تيەن يۇڭمىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2026-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىش ئارقىلىق، تيەن يۇڭمىڭغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلدى ھەمدە قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق تيەن يۇڭمىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ