
مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 2 مىليون 990 مىڭغا يېتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ساقلانغان.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى جەھەتتە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «شەھەر ـ يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقى زورايتىلىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش مەبلىغىدىن 3 مىليارد 100 مىليون يۈەن، بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلىدىن 500 مىليون يۈەن، ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىدىن 800 مىليون يۈەن تارقىتىلغان.
نۇقتىلىق كىشىلەر توپى جەھەتتە، باھار شامىلى ھەرىكىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش پەسلى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، جەمئىي 59 مىڭ مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، 36 مىليون ئىش ئورنى ئېلان قىلىنغان. « دېھقان ئىشلىگۈچىلەرگە باھار ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش» مۇلازىمەت ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 1 مىليون ئادەم قېتىم دېھقان ئىشلىگۈچى «نۇقتىدىن نۇقتىغا» توشۇلغان. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش 100 كۈنلۈك ھەرىكىتى باشلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش جەھەتتە، «ماھارەت ئىستىقبالنى يورۇتىدۇ» تېمىسىدىكى تەربىيەلەش ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، كەڭ كۆلەملىك كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش ھەرىكىتىگە دائىر سىياسەت ـ تەدبىرلەر تەتقىق قىلىنىپ تۈزۈلۈپ، سۈنئىي ئەقىل، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەلا سۈپەتلىك تەربىيەلەش بايلىقى بىلەن تەمىنلەش كۈچەيتىلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ